Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 19:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

34 ئۇلارنى ئىسرائىل قېرىندىشىڭلاردەك كۆرۈڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار، چۈنكى سىلەرمۇ بۇرۇن مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 19:34
12 Referans Kwoze  

شۇڭا، ئاراڭلاردىكى يات خەلقلەرگە كۆيۈنۈڭلار، چۈنكى سىلەرمۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ باققان.


ئۆچ ئالماڭلار، قېرىندىشىڭلارغا غۇم ساقلىماڭلار، باشقىلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


- سىلەر «قوشناڭنى سۆي، دۈشمىنىڭگە نەپرەتلەن» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان.


يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارنى خورلىماڭلار ياكى بوزەك قىلماڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار.


ئەگەر سىز بىز بىلەن بىللە بارسىڭىز، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق سائادەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىسىز، _ دېدى.


ئىدوملۇقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، ئۇلار قېرىندىشىڭلاردۇر. مىسىرلىقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇ زېمىندا مۇساپىر بولۇپ ياشاپ باققان.


قوغدار پەرۋەردىگار مۇساپىرلارنى، قوللار تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى. لېكىن توسار پاسىقلارنىڭ يولىنى.


ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. مېنىڭ دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


بۇ ئىككى ئەلنىڭ بالىلىرىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئۈچىنچى ئەۋلادى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرسە بولىدۇ.


رۇت بوئازنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ: _ نېمىشقا مەندەك بىر مۇساپىرغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بۇنچىۋالا غەمخورلۇق قىلىسىز؟ _ دېدى.


بۇ زېمىن سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلاردۇر. ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگىمۇ يەرلەرنى مۈلۈك قىلىپ، تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. ئۇلارغىمۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىن بۆلۈپ بېرىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite