33 سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارنى خورلىماڭلار،
يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلماڭلار. چۈنكى مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغىنىڭلاردا ياقا يۇرتتىكى مۇساپىرچىلىقنىڭ تەمىنى سىلەرمۇ تېتىغان.
يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارنى خورلىماڭلار ياكى بوزەك قىلماڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار.
شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».
زېمىنىڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنى، يېتىم بالىلارنى، تۇل ئاياللارنى بوزەك قىلمىساڭلار، بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشتىن قول ئۈزسەڭلار، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزمىسەڭلار،
نامرات، بىچارە ئىشلەمچىلەر مەيلى ئىسرائىللاردىن بولسۇن، مەيلى شەھىرىڭلاردا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەققىنى يېمەڭلار.
ئاددىي كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلدى، ئوغرىلىق قىلدى، نامرات ۋە موھتاجلارنى بوزەك قىلدى، مۇساپىرلارنى خورلىدى ۋە ئۇلارغا ئادالەتسىزلىك قىلدى.
ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمايدۇ، مۇساپىرلارنى ئالدايدۇ، يېتىملەرنى ۋە تۇل خوتۇنلارنى بوزەك قىلىدۇ.
يات خەلقلەر ۋە يېتىملەرگە ئادالەتسىزلىك قىلماڭلار. تۇل ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنى گۆرۈگە ئالماڭلار.
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مىسىردا قۇل بولغان ۋاقتىڭلاردا، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قۇتقۇزغانىدى. شۇڭا مەن سىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن.
«يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
مەندىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھقا قۇربانلىق سۇنغان كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن.