Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 19:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 مويسىپىت كىشىلەرنى كۆرگەندە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەڭلار. مەنكى خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 19:32
15 Referans Kwoze  

ياشانغان ئەرلەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە، ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلىمىگىن. ئەكسىچە، ئۇلارغا ئاتاڭنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەت بىلەن نەسىھەت بەرگىن. شۇنىڭدەك، ياش ئەرلەرگە ئۆز قېرىنداشلىرىڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىل.


ئىككى قولىدىن ئېسىپ قويۇلار يولباشچىلار، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمايدۇ ئاقساقاللار.


ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ ھۆرمەت تاجىدۇر.


يىگىتلەرنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇلارنىڭ شەرىپىدۇر، ئاق چاچلىرى بولسا ياشانغانلارنىڭ ھۆرمىتىدۇر.


بۇزلۇق باراكئېلنىڭ ئوغلى ئەلىھۇ مۇنداق دېدى: «مەن ياش، سىلەر مەندىن چوڭ بولغاچقا، قاراشلىرىمنى بايان قىلىشقا پېتىنالمىغانىدىم.


ئەلىھۇنىڭ يېشى ئۇلاردىن كىچىك بولغانىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن كېيىن پىكىر بايان قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغانىدى.


بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار.


ھەركىمگە ئۆزىگە تېگىشلىك ھەققىنى تۆلەڭلار. غەللە-پاراق يىغقۇچىغا غەللە-پاراقنى، باج يىغقۇچىغا باجنى تاپشۇرۇڭلار، ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار، ئىززەتلەشكە تېگىشلىك بولغانلارنى ئىززەتلەڭلار.


خەلق بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ، ھەتتا قوشنىلارمۇ بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ. ياشلار قېرىلارنى خورلايدۇ، پەسكەش ئادەملەر ئابرۇيلۇقلارنى مەنسىتمەيدۇ.»


گاسنى ھاقارەتلىمەڭلار، قارىغۇنى پۇتلىماڭلار، مەن خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


شۇنىڭ بىلەن باتشەبا ئادونىيانىڭ ئىلتىماسىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. پادىشاھ سۇلايمان ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. ئاندىن تەختىدە ئولتۇردى ۋە خان ئانىسىغىمۇ بىر تەخت ئەكەلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزدى.


راھىلە ئاتىسىغا: _ خاپا بولماڭ ئاتا، مەن ئاي كۆرۈپ قالدىم. ئالدىڭىزدا ئۆرە تۇرغۇدەك ماجالىم يوق، _ دېدى. لاباننىڭ ئاختۇرمىغان يېرى قالمىدى، لېكىن بۇتلىرىنى تاپالمىدى.


لېكىن سىلەر يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھەممىگە قادىر قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان مەن پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ماڭا سەجدە قىلىڭلار ۋە قۇربانلىق قىلىڭلار.


ئاڭلا سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى، كەمسىتمە ئاناڭ ياشانغاندا ئۇنى.


يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ تىزىدىن ئىككى ئوغلىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ئۆزى ئاتىسىنىڭ ئالدىدا بېشىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ تەزىم قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite