Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 19:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار ۋە ئىبادەت جايىمغا ھۆرمەت قىلىڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 19:30
16 Referans Kwoze  

دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار ۋە ئىبادەت جايىمغا ھۆرمەت قىلىڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


سەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرگىنىڭدە قەدىمىڭنى ئويلاپ باس، دىققەت بىلەن ئاڭلا. بۇنداق قىلىش نادانلارنىڭ ئويلانماي قىلغان قۇربانلىقىدىن ياخشىدۇر. چۈنكى نادان ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ رەزىللىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.


ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. مېنىڭ دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن بۇتلار ئارىسىدا قانداقمۇ بىرلىك بولسۇن!؟ بىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: «خەلقىم ئىچىدە تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن. ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.»


ئۇلارغا: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتالسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان. لېكىن، سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتىسىلەر! - دېدى.


خۇدانىڭ ھەيۋىسىدىن پەرىشتىلەر تىترەپ تۇرار، ئەتراپىدا ھەممەيلەن قورقۇپ تۇرار.


_ ئاكاڭ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇ پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقىغا، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا خالىغانچە يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، جەزمەن ھالاك بولىدۇ. چۈنكى مەن «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى بۇلۇت ئىچىدە زاھىر بولىمەن.


دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار.


چۈنكى، سوراق ۋاقتى باشلاندى. بۇ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى، يەنى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى سىناشتىن باشلىنىدۇ. ئەگەر بۇ بىز ئېتىقادچىلار ئۈچۈن قىيىن بولسا، ئۇ ھالدا خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟


شۇنىڭ بىلەن بىرگە روھانىيلار ۋە يولباشچىلارمۇ بارغانسېرى يات ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدى ۋە پەرۋەردىگار مۇقەددەس قىلغان يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى.


ئۇ يەنە ئۆزى ياغاچتىن ياساتقان بۇتنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى. خۇدا بۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: «مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەر ئىچىدىن تاللىۋالغان يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتخانا خەلق ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولسۇن.


ئىسرائىللارنىڭ ناپاك ۋاقتىدا، ئۇلارنى ئىبادەت چېدىرىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىبادەت چېدىرىمنى بۇلغاپ قويۇپ، ناپاك ھالەتتە جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنالايسىلەر.


شۇ ۋاقىتتا مۇسا ھارۇنغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ «مەن روھانىيلار ئارقىلىق پۈتۈن خەلق ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمنى ۋە ئۇلۇغلۇقۇمنى نامايان قىلىمەن» دېگىنى مۇشۇ، _ دېدى. ھارۇن زۇۋان سۈرمىدى.


ئەر-ئايال، قېرى-ياش، ئانا-بالا بولسۇن ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار. لېكىن بەلگىسى بار كىشىلەرگە تەگمەڭلار. قىرغىننى ئىبادەتخانامدىن باشلاڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىرغىننى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاقساقاللارنى ئۆلتۈرۈشتىن باشلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite