29 قىزىڭلارنى پاھىشەلىككە سېلىپ، ئۇنى خورلىماڭلار، بولمىسا زېمىنىڭلار بۇزۇقچىلىققا ۋە رەزىللىككە تولۇپ كېتىدۇ.
بىزنىڭ تېنىمىزنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇنداقتا، ئاراڭلاردا بىرى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزاسى بولغان ئۆز تېنىنى، بىر پاھىشە ئايالنىڭ تېنى بىلەن بىرلەشتۈرسە بولامدۇ؟ ھەرگىز بولمايدۇ!
روھانىيلار بۇلغانغان پاھىشە ئاياللارنى ياكى ئاجراشقان ئاياللارنى ئەمرىگە ئالمىسۇن، چۈنكى روھانىيلار مېنىڭ نەزىرىمدە پاكتۇر.
ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھازا تۇتقىنىڭلاردا تېنىڭلارنى تىلماڭلار. تېنىڭلارغا بەلگە سالماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
روھانىيلارنىڭ قىزلىرى زىنا قىلىپ ئۆزلىرىنى بۇلغىسا، ئاتىلىرىغا ھاقارەت قىلغانلىق بولىدۇ، ئۇلار ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن.
ئۇ ئادەم قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. شەھەردىكى ئەرلەر ئۇ قىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. چۈنكى ئۇ قىز تويدىن ئىلگىرى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى شەرمەندە قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.