24 تۆتىنچى يىلىدىكى مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى مەدھىيە ھەدىيەسى سۈپىتىدە ماڭا ئاتالسۇن.
ئۇلۇغلا پەرۋەردىگارنى، ئاتاپ مال-دۇنيايىڭنى، ھەدىيە قىلىپ ئۇنىڭغا ھوسۇلۇڭنىڭ باش بۇرنىنى.
تۇنجى ھوسۇل، شاراب، زەيتۇن يېغى ۋە تۇنجى قىرقىلغان قوي يۇڭۇڭلاردىن روھانىيلارغا ھەدىيە قىلىڭلار.
سىلەر كەنئان زېمىنىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىككەندىن كېيىن، ئۈچ يىلغىچە مېۋىسىنى يېمەڭلار، ئۇلارنى يېيىش مەنئى قىلىنسۇن.
بەشىنچى يىلى مېۋىلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ. بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلساڭلار، مېۋىلىك دەرىخىڭلار تېخىمۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.