2 _ سەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا مۇقەددەستۇرمەن.
ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاپ، پاك بولۇڭلار. چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ شۇنداق بولۇڭلار.
پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار مۇقەددەستۇرمەن. سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىپ چىقىپ، مېنىڭ خەلقىم قىلدىم.
سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمنىڭ روھانىيلىرى ۋە مېنىڭ مۇقەددەس خەلقىم بولىسىلەر.» بۇ سۆزلىرىمنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن.
سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئاتالغان يېمەكلىكنى سۇنغۇچىلاردۇر. سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار مۇقەددەستۇرمەن. سىلەرنىمۇ پاكلىغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
قەدىرلىك قېرىنداشلار، بۇ ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنىكەنمىز، تەننى ۋە روھنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى. خۇدادىن ئەيمەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتايلى.
ئىككى ئادەم دېيىشىپ قويماي تۇرۇپ، بىرگە سەپەر قىلامدۇ؟
خۇدا ئۆزىنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ پاك ۋە ئەيىبسىز بولۇشىمىز ئۈچۈن، دۇنيانى يارىتىشتىن بۇرۇنلا، بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىنىشىمىز ئارقىلىق تاللىدى. خۇدا بىزنى سۆيگەچكە، بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە پەرزەنت بولۇشىمىزنى ئۆز خۇش رايى بويىچە ئالدىنئالا بەلگىلىدى. بۇ، ئۇنىڭ ئىرادىسىدۇر.
سىلەر مېنىڭ پاك خەلقىم بولۇڭلار. يىرتقۇچ ھايۋانلار قارنىنى يېرىۋەتكەن ماللارنىڭ گۆشىنى يېمەي، ئۇنى ئىتقا بېرىڭلار.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
يوشۇۋا خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ: _ سىلەر پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشنى ئاددىي ئىش دەپ ئويلىماڭلار. چۈنكى ئۇ مۇقەددەستۇر، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشۇڭلاردىن قىزغىنىدىغان خۇدادۇر. ئۇ سىلەرنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ.
پەرۋەردىگار يېگانە ۋە مۇقەددەستۇر، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر. خۇدايىمىزدەك پاناھگاھ قورام تاش يوقتۇر.
مۇقەددەستۇرسەن ئى پەرۋەردىگار، ھەيۋەتلىك، بۈيۈك نامىڭنى مەدھىيەلىسۇن ئۇلار.
پەرزەنتلىرى خەلق ئارىسىدا پاك ھېسابلىنىدۇ. مەن ئۇنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.
بىراق، ئۇنىڭ جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بولغاچقا، ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىكى پەردىگە ياكى چېدىر ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس بولغان جايلىرىمنى بۇلغايدۇ. مەن بۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.
شۇڭا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ بۈگۈن مەن ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلىڭلار.