Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 19:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 باشقىلارغا تۆھمەت قىلماڭلار. باشقىلار ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ ھاياتىغا زامىن بولماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 19:16
24 Referans Kwoze  

ئىغۋا تارقاتماڭلار. يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، گۇناھكارغا يان باسماڭلار.


تۆھمەت قىلىپ ئەرز قىلماڭلار. بىگۇناھ، دۇرۇس ئادەمنى ئۆلۈمگە ئىتتىرمەڭلار. چۈنكى مەن بۇنداق رەزىل ئىش قىلغۇچىلارنى چوقۇم جازالىماي قويمايمەن.


پىتنىخور ئاشكارىلار سىرنى، ۋالاقتەگكۈردىن قاچۇر ئۆزۈڭنى.


سەندە ياشايدىغان ئىسرائىللارنىڭ بەزىلىرى تۆھمەت قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرگۈزىدۇ. بەزىلىرى تاغلاردىكى بۇتخانىلارغا چىقىپ قۇربانلىقلاردىن يەيدۇ، بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ.


ھەممە ئادەم دوست-بۇرادەرلىرىدىن پەخەس بولسۇن. ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ ئىشەنمىسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنى ئالداشنىڭ كويىدا ھەمدە دوستلارمۇ ئۆزئارا تۆھمەت قىلىشىدۇ.


ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاھىل، ئاسىيلاردۇر! ئۇلارنىڭ يۈرىكى تۇچ ياكى تۆمۈرگە ئوخشاش قاتتىق. ئۇلار باشقىلارغا تۆھمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى چىرىكلەشكەن.


چېقىمچى ئاشكارىلار مەخپىيەتلىكنى، ئىشەنچلىك كىشى چىڭ ساقلار سىرنى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە تۆھمەتخورلۇقلارنى تاشلاڭلار.


باشقىلارغا قارا چاپلىمايدىغانلار، دوستىغا يامانلىق قىلمايدىغانلار، قوشنىسىغا ھاقارەت قىلمايدىغانلار.


يالغان گۇۋاھلىق بەرمەڭلار.


شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارنى ئىخلاسمەنلىكىگە لايىق يۈرۈش-تۇرۇشقا ھەمدە پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشقا چاقىرغىن. ئۇلار باشقىلارغا نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆگەتسۇن.


خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ ئېسىل پەزىلەتلىك، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم.


- مەن بىگۇناھ بىر جانغا زامىن بولۇپ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، - دېدى. - بۇ سېنىڭ ئىشىڭ، بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟ - دېيىشتى ئۇلار.


«پارا ئېلىپ بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.


كىشىلەر بايلىقنى دەپ دوستلىرىغا ساتقۇنلۇق قىلسا، بالىلىرى كور بولىدۇ.


مانا بۈگۈن ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردىلە، پەرۋەردىگار غاردا سىلىنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، بەزىلەر «ئۆلتۈر» دېدى، لېكىن مەن سىلىنى كەچۈردۈم. مەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ ئالىيلىرىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزسەم بولمايدۇ» دېدىم.


ئولتۇرۇۋېلىپ قارا چاپلايسەن تۇغقىنىڭغا، تۆھمەت قىلىسەن بىر قورساق قېرىندىشىڭغا.


باشقىلارغا كىمكى تۆھمەت ئەيلىسە يوق قىلارمەن ئۇنى دۈشمەن بىلىپ، كۆرسەم ئەگەر ھالى ئۈستۈن، مەنمەنچىنى تۇرالماسمەن سۈكۈت قىلىپ.


ئۆچمەنلىكىنى يوشۇرغۇچىنىڭ سۆزى يالغان. ئەخمەقتۇر باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىغان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite