Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 19:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 ھەقىقەتنى بۇرمىلىماڭلار، ھەم نامراتلارغا يان باسماڭلار ھەم ھوقۇقدارلارغا خۇشامەت قىلماڭلار، ھۆكۈمدە ئادىل بولۇڭلار.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 19:15
20 Referans Kwoze  

يان باسماسلىققا، نامرات ۋە باينىڭ سۆزلىرىگە ئوخشاش قۇلاق سېلىشقا بۇيرۇدۇم. مەن: «سىلەر باشقۇرغۇچىلار ھەرقانداق كىشىدىن قورقماڭلار، چۈنكى ھۆكۈم خۇدانىڭدۇر. ئۆزۈڭلار يېشەلمىگەن دەۋالارنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار، مەن ھەل قىلاي» دېدىم.


بۇلارمۇ دانالارنىڭ سۆزلىرىدۇر: ھۆكۈمدە بىر تەرەپكە يان بېسىش ياماندۇر.


«يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.


ئۇزۇنلۇق، ئېغىرلىق ۋە مىقدار ئۆلچەملىرىدە ئالدامچىلىق قىلماڭلار.


يامانغا يان بېسىپ ھۆكۈمدە، ھەققانىينى ناھەقچىلىققا ئۇچرىتىش ناتوغرا ئەلۋەتتە.


يۈز ئاياپ قانۇننى بۇزمىسۇن، يان باسمىسۇن، پارا ئالمىسۇن. چۈنكى پارا دانالارنىڭ ئەقىل كۆزىنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ.


«ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر قاچانغىچە؟ رەزىللەرگە يان باسىسىلەر نە چاغقىچە؟ سېلاھ


خەلق ئىچىدىن قابىلىيەتلىك، خۇداغا ئىخلاسمەن، ئىشەنچلىك ۋە پارا ئالمايدىغان كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن.


تەكشۈرمەي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلماڭلار، ھۆكۈمۈڭلار ئادىل بولسۇن!


پاۋلۇس ئۇنىڭغا: - ئەي تېشى پال-پال ساختىپەز! سېنى خۇدا ئۇرىدۇ! سەن ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ، مېنى تەۋرات قانۇنى بويىچە سوراققا تارتماقچى، لېكىن مېنى ئۇرغۇزۇپ، ئۆزۈڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىسەن! - دېدى.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، رەبلەرنىڭ رەببىدۇر. ئۇ ئۇلۇغ خۇدادۇر، ھەممىگە قادىردۇر ھەم ھەيۋەتلىكتۇر. ئۇ ئايرىمىچىلىق قىلمايدۇ، پارا ئالمايدۇ.


سىلەر خۇداغا يان باسماقچىمۇ؟ ئۇنى ئاقلىماقچىمۇ؟


مەن ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايمەن ھەم ھېچكىمگە خۇشامەت قىلمايمەن.


ئۇ ھۆكۈمرانلارغا يان باسمايدۇ، باينى كەمبەغەلدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ھەممىنى ئۆز قولى بىلەن ئاپىرىدە قىلغاندۇر.


سۈكۈت قىلما، ئادىل ھۆكۈم قىلغىن، يوقسۇل ۋە موھتاجلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite