Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 19:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماڭلار. ئادەم ئىشلەتسەڭلار، ھەققىنى شۇ كۈنى بېرىڭلار، ئەتىگە قالدۇرماڭلار.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 19:13
29 Referans Kwoze  

سىلەر ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىش-ھەقلىرىگە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ كەلدىڭلار. ئۇلار ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سىلەرگە ھوسۇل يىغىپ بېرىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاھ-زارى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قۇلىقىغا يەتتى.


شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «ئوردا قۇرۇپ ئادالەتسىزلىك قىلغان، كىشىلەرگە ناھەقچىلىق قىلىپ، ساراي ئۈستىگە يەنە ساراي سالغان پادىشاھنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەملەرنى بىكارغا ئىشلەتتى، ھەق بەرمىدى.


تارازىدا ۋە ئۆلچەمدە ئادىل بولمىغاندا، ھەر ئىككىسى يىرگىنچلىك بىلىنەر پەرۋەردىگارغا.


سىز تەۋراتتا بۇيرۇلغان «قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلما، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزلەرنى ئادا قىلىڭ، - دېدى.


ئاددىي كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلدى، ئوغرىلىق قىلدى، نامرات ۋە موھتاجلارنى بوزەك قىلدى، مۇساپىرلارنى خورلىدى ۋە ئۇلارغا ئادالەتسىزلىك قىلدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلماڭلار، بوزەك قىلماڭلار. بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكمەڭلار.


يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارنى خورلىماڭلار ياكى بوزەك قىلماڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار.


ئەگەر ئىگىسى نەق مەيداندا بولسا، تۆلىمىسۇن. ئەگەر ھايۋان ئىجارىگە ئېلىنغان بولسا، پەقەت ئىجارە ھەققىنى تۆلىسۇن.


بۇ يامان ئىشلاردا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئالداپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كەتمەڭلار. ئىلگىرى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، رەببىمىز مانا شۇنداق گۇناھلار تۈپەيلىدىن ئىنسانلارنى جازالايدۇ.


- بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق باج ئالماڭلار، - دېدى يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا.


يوقسۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئېزىپ نەپ ئالما، سوتتا يۆلەنچۈكى يوقنى بوزەك قىلما.


يەرنىڭ ھەققىنى بەرمەي، مەھسۇلاتلىرىنى يېگەن بولسام، ياكى يەر ئىگىلىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان بولسام،


ياكى تېپىۋالغان نەرسىسىنى ئېتىراپ قىلمىسا ۋە يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلمىدىم، دەپ مەن خۇدانىڭ نامى بىلەن يالغان قەسەم قىلسا،


ئەگەر ھايۋاننى يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ كەتكەن بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى يەپ كېتىلگەن ھايۋاننىڭ قالدۇقىنى ئەكېلىپ، ئىسپات قىلىپ كۆرسەتسۇن، تۆلەم تۆلىمىسۇن.


كەچقۇرۇنلۇقى، يەر ئىگىسى غوجىدارغا: «ئىشلەمچىلەرنى چاقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەردىن باشلاپ ئەڭ ئاۋۋال كەلگەنلەرگىچە ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەر» دەپتۇ.


چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما»، «ئىشچى ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر» دېيىلگەن.


ئوغرىلىق قىلماڭلار.


ئەگەر بىرى پۇللىرى ياكى مال-مۈلۈكلىرىنى قوشنىسىغا ئامانەت قويۇپ قويغاندىن كېيىن، بۇ نەرسىلەر قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن ئوغرىلانغان بولسا، ئوغرى تۇتۇلغاندىن كېيىن ئوغرىلىغان پۇل ياكى مال-مۈلۈكلەرنى بىر ھەسسە ئارتۇقى بىلەن تۆلەپ بەرسۇن.


كىشىلەر بايلىقنى دەپ دوستلىرىغا ساتقۇنلۇق قىلسا، بالىلىرى كور بولىدۇ.


قوشناڭغا ئېھتىياجلىق نەرسە سەندە بار بولسا، «ئەتە كەل، شۇ چاغدا بېرەي» دەپ ئۇنى قايتۇرما.


باشقىلارنى بوزەك قىلمىسا، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بەرسە، ئوغرىلىق قىلمىسا، ئاچلارغا يېمەك-ئىچمەك، يالىڭاچلارغا كىيىم-كېچەك بەرسە،


يەنە بەزىلىرى پۇل ئۈچۈن قاتىللىق قىلىدۇ، بەرگەن قەرزلىرىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالىدۇ ۋە باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىدۇ. ئۇلار مېنى ئۇنتۇپ كەتتى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


سىلەر قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللار بىلەن يەر-زېمىن سودىسى قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆز مەنپەئىتىڭلارغا چوغ تارتماڭلار.


مەن پەرۋەردىگارىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، ئۆز مەنپەئىتىڭلارغا چوغ تارتماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


ئۇ سايىگە تەشنا بولغان قۇلغا، ھەققىنى كۈتۈپ تۇرغان مەدىكارغا ئوخشايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite