Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 18:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 سىلەر ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇ زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 18:30
14 Referans Kwoze  

مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇ زېمىندىكى باشقا خەلقلەرنى قوغلاپ چىقىرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىگە ئەگەشمەڭلار. ئۇلار يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى ئۆچ كۆرىمەن.


روھانىيلار مەن جاكارلىغان بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلسۇن. بولمىسا مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ. بۇ گۇناھى ئۈچۈن گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.


_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار. ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرى، قانۇن-تۈزۈملىرىگە ھەر دائىم ئەمەل قىلىڭلار.


مۇشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلار خەلق ئارىسىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


ئۇ چاغدا ئېھتىياتچان بولۇڭلار! يات ئەللەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئالدىنىپ، تۇزاققا چۈشمەڭلار. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ھەققىدىكى ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ: «بۇ ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىغا قانداق چوقۇنىدىغاندۇ؟ مەنمۇ دوراپ باقسام» دېمەڭلار.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئۇلارنىڭ ئادەتلىرى بىلەن ئىبادەت قىلماڭلار. چۈنكى ئۇلار چوقۇنغاندا پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ھەر خىل يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئىلاھلىرىغا سۇنىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن مەن توقىلىمنى پارچىلاپ، ئىسرائىل خەلقىگە تەقسىم قىلىنغان ھەربىر زېمىنغا ئەۋەتتىم. چۈنكى گىبئاھلىقلار ئىسرائىللار ئارىسىدا شۇنداق نومۇسسىز ۋە ئىپلاس ئىشتىن بىرنى قىلدى.


تېخىمۇ يامان بولغىنى، بۇ زېمىندىكى سەجدىگاھلاردا ئەر پاھىشىلەرنىڭمۇ پەيدا بولۇشىدۇر. خەلق پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى.


ئۇ خۇددى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆزى ئالدىدا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن ئامورلارغا ئوخشاش بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئىنتايىن يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانىدى.)


بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، بەزى يەھۇدىي ئەمەلدارلار ماڭا كېلىپ: _ بەزى ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئۇلار ئارىسدىكى بەزى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارمۇ يەرلىك خەلقلەردىن، يەنى كەنئانلار، خىتلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار، ئاممونلار، موئابلار، مىسىرلىقلار، ئامورلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرىدىن ئۆزلىرىنى نېرى تۇتمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite