Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 18:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 سىلەر ياشىغان مىسىرنىڭ خەلقىنىڭ قائىدىلىرىنىمۇ ۋە مەن سىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان كەنئان خەلقىنىڭ ئادەتلىرىنىمۇ دورىماڭلار.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 18:3
15 Referans Kwoze  

مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇ زېمىندىكى باشقا خەلقلەرنى قوغلاپ چىقىرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىگە ئەگەشمەڭلار. ئۇلار يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى ئۆچ كۆرىمەن.


ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار، چوقۇنماڭلار، قىلىقلىرىنى دورىماڭلار. ئۇلارنىڭ بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتىۋېتىڭلار.


ئۇ مىسىردىكى ۋاقتىدا قىلغان بۇزۇقچىلىقىنى تاشلىمىدى. ئۇ ۋاقىتتا، ئۇ ياش بولۇپ، ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭ كۆكسىنى سىلىيالايتتى، ئۇنىڭ بىلەن شەھۋىتىنى قاندۇرالايتتى.


بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار، ئەكسىچە ئوي-پىكرىڭلار خۇدانىڭ يېڭىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگەرسۇن. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھاياتىڭلارغا بولغان ئىرادىسىنى ھەمدە بۇ ئىرادىنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر خۇرسەن قىلارلىق ۋە نەقەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر.


ئەكسىچە ئارىلىشىپ ئۇلار بىلەن ئۆگەندى ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى.


سىلەر ئۇلارنىڭ ئادىتى بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىبادەت قىلساڭلار بولمايدۇ.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇ ئەللەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، سىلەر ئۆزۈڭلارچە «بىز ھەققانىي بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار بىزنى بۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئېلىپ كەلدى» دەپ ئويلىماڭلار. ئەمەلىيەتتە، ئۇ يەردىكى ئەللەر رەزىل بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقاردى.


ئۇلار ئىزچىل تۈردە پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كەنئاندىن قوغلاپ چىقارغان يات ئەللەرنىڭ ئادەتلىرى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاپ كەلگەنىدى.


ئۇلارنىڭ ياغاچ، تاش، ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى كۆردۈڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite