Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 18:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 سىلەر چوقۇم مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەيلى سىلەر بولۇڭلار، مەيلى ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ھېچقايسىڭلار بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلماڭلار.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 18:26
16 Referans Kwoze  

سىلەر مەن بۇيرۇغان قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر.


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: - مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر.


- خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىنمۇ بەختلىك! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارنى پاك ۋە چىن دىلىدا چىڭ ساقلايدىغان، ھوسۇل بەرگۈچە سەۋر قىلىدىغان كىشىلەردۇر.


مەن يەتكۈزگەن بۇ بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. ئۇلارغا بىر نەرسە قوشماڭلار ياكى چىقىرىۋەتمەڭلار.


مەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا ئۇزۇن ياشىيالايسىلەر.


سىلەر ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇ زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»


_ مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، كىمكى قان يېسە، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.


ئۇلارغا شۇنى ئېيتقىنكى، مەيلى ئىسرائىللار، مەيلى ئىسرائىللار ئارىسىدىكى يات خەلقلەر بولسۇن، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى


ئۇلار تۇرغان زېمىنلارمۇ بۇلغاندى. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بۇ زېمىننى جازالايمەن، شۇڭا بۇ زېمىن ئۇلارنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ.


بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن بۇ زېمىننى بۇلغىدى.


تېخىمۇ يامان بولغىنى، بۇ زېمىندىكى سەجدىگاھلاردا ئەر پاھىشىلەرنىڭمۇ پەيدا بولۇشىدۇر. خەلق پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite