لاۋىيلار 18:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى25 ئۇلار تۇرغان زېمىنلارمۇ بۇلغاندى. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بۇ زېمىننى جازالايمەن، شۇڭا بۇ زېمىن ئۇلارنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. Gade chapit la |
شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا خەلقىنىڭ سەركىلىرىگە مۇنداق دېدى: «سىلەر خەلقىمنىڭ چېچىلىپ، سۈرگۈن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردىڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئىش-ئەمەللىرىڭلارنىڭ ھەققانىي، دۇرۇس بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ رەزىل بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلىۋېتىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى سەۋەبىدىندۇر.