Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 18:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 باشقىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 18:20
17 Referans Kwoze  

ئەگەر بىرسى باشقا بىرىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، زىنا قىلغان ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن.


ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ.


يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار! بارلىق جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچىلار، بۇتپەرەسلەر، زىناخورلار، ھەزىلەكلەر، ئەر بىلەن ئەر ياكى ئايال بىلەن ئايال ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلار،


ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتىگە باش ئېگىشى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق،


باشقىلارغا زىنا قىلما دەپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ زىنا قىلامسەن؟ بۇتلاردىن بىزار بولۇپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ بۇتخانىلاردىكى نەرسىلەرنى ئوغرىلامسەن؟


شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».


بېرىلىپ كەتمە ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە، ئەسىر بولۇپ كەتمە قاش-كۆز ئوينىتىشىغا.


ھازا مۇددىتى توشۇشى بىلەن داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى ئوردىغا ئەكەلدۈرۈۋالدى. ئۇ داۋۇتقا خوتۇن بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. لېكىن پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن نارازى بولدى.


ئەگەر بىرسى دالادا توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان بولسا، ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار.


ئەگەر بىرسى ئېرى بار ئايال بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، بۇزۇقچىلىق قىلغان ئەر بىلەن ئايالنى ئۆلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىل خەلقىدىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.


مەلۇم بىر ئەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ھەمدە بۇ ئىشنى ئېرىدىن سىر تۇتسا، گەرچە ئۇ ئايال بۇلغانغان بولسىمۇ لېكىن بايقالمىغان بولسا، ھەمدە گۇۋاھچىسىمۇ بولمىسا،


ئۇ تاغدىكى بۇتخانىلارغا بېرىپ قۇربانلىق گۆشلىرىنى يېمىسە، ئىسرائىللار چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنمىسا، زىنا قىلمىسا، ھەيزدار ئايالغا يېقىنلاشمىسا،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite