16 ئاكا-ئىنىڭلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىپ، قېرىندىشىڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار.
بىر ھويلىدا بىرگە ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ بىرى ۋاپات بولسا، لېكىن ئۇنىڭ ئوغلى بولمىسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئايالى سىرتقا ياتلىق بولمىسۇن. قېرىنداشلىرى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ، ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ئايالىنى ئەمرىگە ئالسۇن.
كىمكى ئاكىسى ياكى ئىنىسىنىڭ خوتۇنىنى خوتۇنلۇققا ئالسا، ئۇ قېرىندىشىنى ھاقارەتلىگەن بولىدۇ، بۇ ئىپلاسلىقتۇر. ئۇلار پەرزەنت يۈزى كۆرمەي ئۆلىدۇ.
- ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا: «بىر كىشى ئۆلۈپ كېتىپ، ئايالى تۇل قېلىپ، پەرزەنت كۆرمىگەن بولسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ يازغان.
- ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا: «بىر كىشى پەرزەنت كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ تەلىم بەرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، يەھيا پەيغەمبەر ھىرود خاننى ئۆگەي ئاكىسىنىڭ ئايالى ھىرودىيەنى تارتىۋالغانلىقى ۋە نۇرغۇنلىغان يامان ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىدى.
ھىرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھىرودىيەنى تارتىۋالغاندا، ئۇ ئايالنىڭ تەلىپى بىلەن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. چۈنكى، يەھيا ھىرودقا: «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» دەپ كەلگەنىدى.