15 كېلىنىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇ ئوغلۇڭلارنىڭ ئايالىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشقا بولمايدۇ.
ئەگەر بىرسى كېلىنى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىپلاسلىق بولۇپ، ئۇلار گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.
بەزىلىرى قوشنىسىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىدۇ، بەزىلىرى كېلىنلىرىنىڭ، يەنە بەزىلىرى ئاتا بىر ئانا باشقا سىڭىللىرىنىڭ نومۇسىغا تېگىدۇ.
يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تونۇپ: _ بۇنىڭغا مەن ئەيىبلىك! مەن ئەسلىدە ئۇنى ئوغلۇم شېلاھقا ئېلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدا ئۇنىڭ بىلەن قايتا بىر ئورۇندا ياتمىدى.