11 ئۆگەي ئاناڭلاردىن تۇغۇلغان بىر ئۆيدە چوڭ بولغان قىز قېرىندىشىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ ئاچا-سىڭلىڭلاردۇر.
ئاچا-سىڭىللىرىڭلار، ئانا باشقا ياكى ئاتا باشقا ئاچا-سىڭىللىرىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇلار بىلەن بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقىڭلاردىن قەتئىينەزەر بۇنداق مۇناسىۋەتتە بولماڭلار.
ئوغلۇڭلارنىڭ ياكى قىزىڭلارنىڭ قىزى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇ شەنىڭلارغا داغ چۈشۈرىدۇ.
ئاتاڭلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇ ئاتاڭلارنىڭ قان قېرىندىشىدۇر.
_ ياق، ئاكا، مېنى خورلىماڭ! ئىسرائىللار بۇنداق قىلسا بولمايدۇ. بۇنداق نومۇسسىز ئىشنى قىلماڭ.