10 ئوغلۇڭلارنىڭ ياكى قىزىڭلارنىڭ قىزى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇ شەنىڭلارغا داغ چۈشۈرىدۇ.
ئاچا-سىڭىللىرىڭلار، ئانا باشقا ياكى ئاتا باشقا ئاچا-سىڭىللىرىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇلار بىلەن بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقىڭلاردىن قەتئىينەزەر بۇنداق مۇناسىۋەتتە بولماڭلار.
ئۆگەي ئاناڭلاردىن تۇغۇلغان بىر ئۆيدە چوڭ بولغان قىز قېرىندىشىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ ئاچا-سىڭلىڭلاردۇر.