8 ئاندىن چەك تارتىش ئارقىلىق قايسى تېكىنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغانلىقىنى، قايسى تېكىنىڭ ئازازۇل تەرەپكە قوغلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىسۇن.
كېمىچىلەر: _ بىزنىڭ بۇ بالايىئاپەتكە دۇچار بولۇشىمىزغا كىم سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى، _ دېيىشتى ۋە چەك تاشلاشتى، چەك يۇنۇسقا چىقتى.
چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن، ھۆكۈم قىلىش پەرۋەردىگاردىندۇر.
بۇلار ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىغان يەرلەردۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك بولغان يەرلىرىدۇر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
جەمەتلەر بويىچە چەك تارتىپ، يەرلەرنى تەقسىملەڭلار. جان سانى كۆپلەرگە كۆپ، جان سانى ئازلارغا ئاز بولسۇن. چەككە قايسى يەر چىقسا شۇ يەرگە ئىگە بولسۇن. مۇشۇ يول بىلەن قەبىلەڭلارغا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.
ئىسرائىللار ھەرقايسى قەبىلىلەر بويىچە تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن يەرگە ئىگە بولسۇن.
ئاندىن ئىككى تۇياق تېكىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن.
ھارۇن چەك تاشلاش ئارقىلىق ماڭا ئاتالغان تېكىنى، يەنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى تەييار قىلسۇن.
چەك تاشلاش ئارقىلىق ئازازۇلغا ئاتالغان تېكىنى، يەنى خەلقنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن چۆلگە قوغلىنىدىغان تېكىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن.
ئازازۇلغا ئاتالغان تېكىنى چۆلگە قوغلىۋەتكۈچى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سېلىپ، ئاندىن قارارگاھقا قايتسۇن.