Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 16:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ھارۇن ئالدى بىلەن ئۆزىنى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن، ھېلىقى بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 16:6
12 Referans Kwoze  

بىراق، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش روھانىي يىلدا بىر قېتىملا كىرەتتى. روھانىي ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىق قېنىنى ئالماي كىرمەيتتى.


ئاندىن مۇسا ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزۈڭ ۋە خەلقىڭنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنغىن. ئاندىن خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنغىن. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدۇر.


ئۇ ئىلگىرىكى باش روھانىيلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، كېيىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى بىر يولىلا ئادا قىلدى.


يەتتە كۈندىن كېيىن، يەنى سەككىزىنچى كۈنىدىن باشلاپ روھانىيلار قۇربانلىق سۇپىسىدا خەلقنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنسا بولىدۇ. شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


ھۇزۇرۇمدا مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىدىغان لاۋىيلاردىن بولغان روھانىي زادوق ئەۋلادلىرىغا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر بۇقا بەرگىن.


ھەر قېتىملىق زىياپەتتىن كېيىن ئايۇپ پەرزەنتلىرىنى چاقىرتىپ، ئۇلارنى پاكلىنىشقا بۇيرۇيتتى. ئۆزى ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ ھەر بىر ئوغلى ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاتتى. چۈنكى ئۇ: «پەرزەنتلىرىم كۆڭۈللىرىدە خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلايتتى. ئايۇپ دائىم شۇنداق قىلاتتى.


ئۇ بۇ ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ قۇربانلىق قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قۇربانلىق قېنىنى تۆكۈش ئارقىلىق بىرلا قېتىم كىردى. مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇپ، ئىنسانلارنى مەڭگۈگە ئازاد قىلدى.


ھارۇن ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ۋاقتىدا، مۇنداق قىلسۇن: گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تۇياق بۇقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تۇياق قوچقار تەييار قىلسۇن.


ئاندىن ئىككى تۇياق تېكىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite