5 ئۇ ئىسرائىل جامائىتىدىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى تۇياق تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تۇياق قوچقار ئالسۇن.
ئۇلار يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار، يەتتە تۇياق پاقلاننى ئەكېلىپ، پادىشاھ جەمەتى، مۇقەددەس جاي ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىش قۇربانلىقى قىلدى. روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بۇ ھايۋانلارنى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا قۇربانلىق قىلدى.
ئۇلار بۇ مۇراسىمدا 100 تۇياق بۇقا، 200 تۇياق قوچقار ۋە 400 تۇياق پاقلان قۇربانلىق قىلدى، يەنە 12 تېكىنى ئىسرائىلىيەنىڭ 12 قەبىلىسى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلدى.
گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدىكى قۇربانلىقلار ۋە كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار شۇنداقلا ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.»
_ ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار بىلەن بىرگە روھانىيلىق كىيىم، مۇقەددەس ياغ، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار ۋە بىر سېۋەت پېتىر نان ئېلىپ كەلگىن.
گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى.
ئاندىن مۇسا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىغا ئاتالغان بۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويدى.
ئەگەر قوي ياكى ئۆچكىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چوقۇم بېجىرىم قوچقار ياكى تېكىنى ئېلىپ كەلسۇن.
ئەگەر باش روھانىي گۇناھ سادىر قىلىپ، پۈتۈن جامائەتنى ئەيىبدار قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ چوقۇم قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بېجىرىم بىر بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن.
ئۇ ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر تورپاق، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوچقارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلگىن.