لاۋىيلار 16:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 ئاندىن ئۇ زىغىر رەختتىن تەييارلانغان مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيسۇن، يەنى تۆۋىنىگە تامبال، ئۈستىگە تونچە كۆڭلەك كىيسۇن، بېلىگە پوتا باغلىسۇن، بېشىغا سەللە يۆگىسۇن. ھارۇن بۇلارنى كىيىشتىن بۇرۇن بويىنى سۇغا سالسۇن. Gade chapit la |
ئۇنىڭدىن كېيىن چېدىردىن چىقىپ، مۇقەددەس ھېسابلانغان ھويلىدا بويىنى سۇغا سېلىپ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىيىدىغان روھانىيلىق كىيىمنى كىيسۇن. ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن تەييار قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ۋە خەلقنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قۇربانلىق قىلسۇن.
ئۇلار تاشقىرىقى ھويلىدىكى خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىشتىن بۇرۇن، خىزمىتىمنى قىلغان چاغدا كىيگەن كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، مۇقەددەس خانىلارغا قويۇپ قويسۇن ۋە ئۈستىگە ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىيىدىغان كىيىمىنى كىيسۇن. بۇ مۇقەددەس كىيىمنىڭ تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىلماسلىقى ۋە خەلقنىڭ بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇ كىيىم مۇقەددەستۇر.