Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 16:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

34 ھەر يىلى ئىسرائىللار بىر قېتىم پۈتۈن گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىنسۇن. ئىسرائىللارنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىش مۇراسىمى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر. پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق نېمىنى ئەمر قىلغان بولسا، ھارۇن شۇنى بەجا كەلتۈردى.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 16:34
14 Referans Kwoze  

بىراق، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش روھانىي يىلدا بىر قېتىملا كىرەتتى. روھانىي ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىق قېنىنى ئالماي كىرمەيتتى.


ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ باش روھانىيسىدەك، يىلمۇيىل قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قېنىنى ئېلىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا قايتا-قايتا كىرگىنى يوق.


ھارۇن ھەر يىلى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلانغان مالنىڭ قېنىنى ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سېپىپ، ئىسرىقداننى پاكلىسۇن. بۇ مۇراسىم ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشسۇن. چۈنكى بۇ ئىسرىقدان مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەستۇر.


ئۇ مۇشۇ بىر قۇربانلىق بىلەن ئۆزىنى خۇداغا ئاتىغان كىشىلەرنى خۇدانىڭ ئالدىدا مەڭگۈ مۇكەممەل قىلدى.


ھالبۇكى، ئۇ قۇربانلىقلار ئۇلارغا ئۆز گۇناھلىرىنى ھەر يىلى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.


«7-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، روزا تۇتۇڭلار، ئىش قىلماڭلار.


سىلەر بۇ كۈنى ھەرقانداق ئىش قىلماڭلار. نەدە ياشىماڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارنى يېقىپ قويسۇن. بۇ چىراغلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە يېنىق تۇرسۇن. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلسۇن.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


بۇ كۈن سىلەرنىڭ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا گۇناھىڭلاردىن ساقىت قىلىنىش كۈنۈڭلاردۇر. بۇ كۈنى ئىشلىمەڭلار.


مۇسا پۈتۈن نەرسىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەممە نەرسىنىڭ پۈتۈنلەي پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولغانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇلارغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلدى.


ماي ۋە قاننى قەتئىي يېمىسۇن. ئىسرائىللار قەيەردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتائەت قىلسۇن.


_ ئاكاڭ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇ پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقىغا، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا خالىغانچە يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، جەزمەن ھالاك بولىدۇ. چۈنكى مەن «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى بۇلۇت ئىچىدە زاھىر بولىمەن.


مۇسا بۇ ۋەھىينى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە، پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلىگۈچىنى قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite