لاۋىيلار 16:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى29 ھەر يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى مەيلى ئىسرائىللار بولسۇن، مەيلى ئىسرائىللار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسى نەپسىنى يىغسۇن، ئىش قىلمىسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر. Gade chapit la |
مەن مۇشۇنداق روزا تۇتۇشىڭلارنى تەلەپ قىلغانمۇ؟ مەن سىلەرنىڭ تاماق يېمەي جاپا چېكىشىڭلارنىلا تەلەپ قىلغانمۇ؟ ئەجەبا مەن ئادەملەرنى قومۇشلاردەك باش ئېگىپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلنىڭ ئۈستىدە يېتىڭلار دېدىممۇ؟ سىلەر بۇنى روزا تۇتۇش دەپ ئويلامسىلەر؟ مەن پەرۋەردىگار بۇنىڭدىن خۇرسەن بولامدىمەن؟
سىلەر دەم ئېلىش كۈنىنى ئاياغ ئاستى قىلماڭلار، مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار. دەم ئېلىش كۈنىنى، ‹بىر خۇشاللىق كۈن› دەپ بىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى قەدىرلىشىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلار خالىغانچە ئىش قىلماڭلار، ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار قۇرۇق پاراڭ سالماڭلار، بۇ كۈننى ھۆرمەتلىشىڭلار كېرەك.