Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 16:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ئاندىن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىغا قايتىپ كىرىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرگەندە كىيگەن زىغىر رەخت كىيىمىنى سېلىپ، شۇ يەردە قالدۇرسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 16:23
8 Referans Kwoze  

ئۇلار تاشقىرىقى ھويلىدىكى خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىشتىن بۇرۇن، خىزمىتىمنى قىلغان چاغدا كىيگەن كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، مۇقەددەس خانىلارغا قويۇپ قويسۇن ۋە ئۈستىگە ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىيىدىغان كىيىمىنى كىيسۇن. بۇ مۇقەددەس كىيىمنىڭ تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىلماسلىقى ۋە خەلقنىڭ بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇ كىيىم مۇقەددەستۇر.


روھانىيلار ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تاشقىرىقى ھويلىدىكى خەلقنىڭ ئالدىغا ئۈستىدىكى كىيىمى بىلەن چىقماستىن، بەلكى ئالدى بىلەن ئاشۇ خانىلاردا كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئادەتتىكى چاغلاردا كىيىدىغان كىيىملىرىنى كىيىپ چىقىدۇ، چۈنكى بۇ كىيىملەرمۇ مۇقەددەستۇر.


گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى.


ئاندىن ئۇ زىغىر رەختتىن تەييارلانغان مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيسۇن، يەنى تۆۋىنىگە تامبال، ئۈستىگە تونچە كۆڭلەك كىيسۇن، بېلىگە پوتا باغلىسۇن، بېشىغا سەللە يۆگىسۇن. ھارۇن بۇلارنى كىيىشتىن بۇرۇن بويىنى سۇغا سالسۇن.


شۇنىڭدەك، ئەيسا مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن، بىرلا قېتىم قۇربان بولدى. ئۇ قايتا كەلگەندە، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىگە قۇربان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى كۈتكەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېلىدۇ.


چۆلگە قوغلىۋېتىلگەن تېكە خەلقنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىنى چۆلگە ئېلىپ كېتىدۇ.


ئاندىن ئۈستىدىكى كىيىملەرنى يېشىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلنى قارارگاھ سىرتىدىكى پاك بىر جايغا تۆكسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite