Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 16:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 چۆلگە قوغلىۋېتىلگەن تېكە خەلقنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىنى چۆلگە ئېلىپ كېتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 16:22
13 Referans Kwoze  

ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.


شۇنىڭدەك، ئەيسا مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن، بىرلا قېتىم قۇربان بولدى. ئۇ قايتا كەلگەندە، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىگە قۇربان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى كۈتكەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېلىدۇ.


ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: - مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر!


ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلالمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولغان لەنەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ، ئۇ لەنەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياغاچقا ئېسىلغان كىشى لەنەتكە قالغان كىشىدۇر» دەپ يېزىلغان.


سەن يەنىلا بىزگە ئىچ ئاغرىتىسەن. ئەيىبلىرىمىزنى ئاياغ ئاستىغا، پۈتكۈل گۇناھلىرىمىزنى دېڭىزنىڭ تەكتىگە تاشلايسەن.


مەشرىق مەغرىبتىن يىراق بولسا قانچىلىك، يىراقلاشتۇرغاندۇر گۇناھلىرىمىزنى ئۇ بىزدىن شۇنچىلىك.


ئۇ مۇئامىلە قىلمىغاندۇر بىزگە گۇناھلىرىمىزغا يارىشا، جازالىمىغاندۇر بىزنى ئۇ قىلمىشلىرىمىزغا قارىتا.


ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان توغرا ئىشلىرى سەۋەبىدىن ھايات قالىدۇ.


ئۇ ئىككى قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئاسىيلىقى، ئىتائەتسىزلىكى ۋە گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلسۇن ۋە ئۇلارنى تېكىگە يۈكلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئادەم تېكىنى چۆلگە قوغلىۋەتسۇن.


ئاندىن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىغا قايتىپ كىرىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرگەندە كىيگەن زىغىر رەخت كىيىمىنى سېلىپ، شۇ يەردە قالدۇرسۇن.


ئاندىن سول يېنىڭنى بېسىپ يېتىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستۈڭگە ئال. سول يېنىڭنى بېسىپ ياتقان ھەربىر كۈن سەن ئۈستۈڭگە ئالغان ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ يىل سانى بولىدۇ.


ئاندىن قاننى پاكلىنىدىغان كىشىنىڭ ئۈستىگە يەتتە قېتىم چېچىپ، ئۇنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن قۇشنى دالاغا قويۇۋەتسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite