18 ئاندىن ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىدىن چىقىپ، ھۇزۇرۇمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىسۇن. ھارۇن بۇقا ۋە تېكىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈرتسۇن.
ئاندىن قاننىڭ بىر قىسمىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدە تۇرغان خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىدىغان ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن. ئېشىپ قالغان قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن.
ئۇ شۇ تەرىقىدە ئەڭ مۇقەددەس جاينى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقى، ئىتائەتسىزلىكى ۋە پۈتۈن گۇناھلىرىدىن پاكلىسۇن، ئۇچرىشىش چېدىرىنىمۇ پاكلىسۇن. چۈنكى ئۇچرىشىش چېدىرى ناپاك خەلقنىڭ ئارىسىدىدۇر.
ئاندىن قاننىڭ بىر قىسمىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدە تۇرغان ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن. ئېشىپ قالغان قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن.
ھارۇن ھەر يىلى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلانغان مالنىڭ قېنىنى ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سېپىپ، ئىسرىقداننى پاكلىسۇن. بۇ مۇراسىم ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشسۇن. چۈنكى بۇ ئىسرىقدان مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەستۇر.
ئىنسانلارنى پاك قىلغۇچى ئەيسا مەسىھ بىلەن پاك قىلىنغان ئىنسانلار ھەممىسى بىر ئاتىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ ئۇلارنى «قېرىنداش» دېيىشتىن نومۇس قىلماي،
ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي ئاتىسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا ئاتايمەن.
روھانىي بارمىقىنى تېكىنىڭ قېنىغا تەگكۈزۈپ، قاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن.
ھارۇن ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىپ، ئۆزىنى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ۋە پۈتۈن ئىسرائىللارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىپ، قايتىپ چىقمىغۇچە، ھېچكىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرمىسۇن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە گۇناھىڭلارنىڭ قىلىنىشى ئۈچۈن بىر تۇياق تېكە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىنسۇن.
ئاندىن بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە، ئوتتۇرىدىكى بۆلىكىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ۋە قىرىغا سۈركەپ قويغىن. شۇنداق قىلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى ھەممە ناپاكلىقلاردىن پاكلىغىن.
ئىككىنچى كۈنى بېجىرىم بولغان بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنغىن. ئاندىن قۇربانلىق سۇپىسىنى بۇقىنىڭ قېنى بىلەن قانداق پاكلىغان بولساڭلار، تېكىنىڭ قېنى بىلەن شۇنداق پاكلاڭلار.
روھانىي پاكلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ كېشىكىگە، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى بۆلىكىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ۋە ئىچكىرىكى ھويلا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ كېشىكىگە سۈركەپ قويسۇن.