17 ھارۇن ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىپ، ئۆزىنى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ۋە پۈتۈن ئىسرائىللارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىپ، قايتىپ چىقمىغۇچە، ھېچكىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرمىسۇن.
ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرىپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، ئىبادەتكە كەلگەن جامائەت تاشقىرىدا دۇئا قىلىشىۋاتاتتى.
ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلگەن يوللارغا كەتتۇق. لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى.
ھەرقانداق كىشى سەن بىلەن بىرگە كەلمىسۇن. تاغنىڭ ھېچ يېرىدە ئادەم بولمىسۇن، ھەتتا تاغنىڭ ئېتىكىدە چارۋا ماللىرىمۇ ئوتلىمىسۇن، _ دېدى.
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ بىرلا قېتىملىق قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇنىڭ تېنى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى تىرىلدۈرۈلدى.
ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.
بىراق، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش روھانىي يىلدا بىر قېتىملا كىرەتتى. روھانىي ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىق قېنىنى ئالماي كىرمەيتتى.
ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.
چۈنكى، خۇدا بىردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى كېلىشتۈرگۈچىمۇ بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئىنسان تېنىدە دۇنياغا كەلگەن ئەيسا مەسىھتۇر.
پەقەت ھەزرىتى ئەيسالا بىزنى قۇتقۇزالايدۇ. چۈنكى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا، خۇدا تەيىنلىگەن ھېچقانداق قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر!
خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى.
ئۇ شۇ تەرىقىدە ئەڭ مۇقەددەس جاينى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقى، ئىتائەتسىزلىكى ۋە پۈتۈن گۇناھلىرىدىن پاكلىسۇن، ئۇچرىشىش چېدىرىنىمۇ پاكلىسۇن. چۈنكى ئۇچرىشىش چېدىرى ناپاك خەلقنىڭ ئارىسىدىدۇر.
ئاندىن ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىدىن چىقىپ، ھۇزۇرۇمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىسۇن. ھارۇن بۇقا ۋە تېكىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈرتسۇن.
سامۇئىل ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا يىروخامنىڭ ئوغلى، يىروخام ئەلىئېلنىڭ ئوغلى، ئەلىئېل توۋاخنىڭ ئوغلى،