Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 16:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ھارۇن ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان بۇقىنى، يەنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى بوغۇزلىسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 16:11
6 Referans Kwoze  

ھارۇن ئالدى بىلەن ئۆزىنى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن، ھېلىقى بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن.


بىراق، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش روھانىي يىلدا بىر قېتىملا كىرەتتى. روھانىي ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىق قېنىنى ئالماي كىرمەيتتى.


ئۇ ئىلگىرىكى باش روھانىيلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، كېيىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى بىر يولىلا ئادا قىلدى.


ھارۇن ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ۋاقتىدا، مۇنداق قىلسۇن: گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تۇياق بۇقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تۇياق قوچقار تەييار قىلسۇن.


ئەڭ مۇقەددەس جاي، ئۇچرىشىش چېدىرى، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلاش ۋە روھانىيلار بىلەن پۈتۈن خەلقنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزسۇن.


ئاندىن مۇسا ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزۈڭ ۋە خەلقىڭنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنغىن. ئاندىن خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنغىن. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite