6 ئۇ ئولتۇرغان نەرسىلەرگە ئولتۇرغان ئادەملەرمۇ ناپاكتۇر. ئۇلارمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، گۇناھتىن قول ئۈزۈڭلار. ئەي ھەم خۇدانى، ھەم دۇنيانى دوست تۇتىمىز دېگۈچىلەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار.
ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ تازىلاڭلار، رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى كۆز ئالدىمدىن يوقىتىڭلار. يامانلىق قىلىشنى توختىتىڭلار.
ئۇنىڭ تۆشىكىنى تۇتقان ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇمۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
كېسەل كىشىگە تېگىپ كەتكەن ھەرقانداق ئادەم ناپاكتۇر. ئۇلار كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويلىرىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
تۆۋەندىكى جانلىقلار سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر. ئۇ كىشىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر.»