Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 15:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئۇنىڭ تۆشىكىنى تۇتقان ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇمۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 15:5
31 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يۆتكىگەنلىكى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن. لېكىن يەنىلا كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ئۇلار يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېسە ناپاك بولىدۇ. ئۇلار چوقۇم كىيىمىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ.


ئازازۇلغا ئاتالغان تېكىنى چۆلگە قوغلىۋەتكۈچى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سېلىپ، ئاندىن قارارگاھقا قايتسۇن.


- تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، - دېدىم. ئۇ ماڭا: - بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان.


خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، گۇناھتىن قول ئۈزۈڭلار. ئەي ھەم خۇدانى، ھەم دۇنيانى دوست تۇتىمىز دېگۈچىلەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار.


مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى. چۈنكى، دىللىرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ سېپىلىشى بىلەن ۋىجدان ئازابىدىن خالاس بولغان ۋە بەدىنىمىز پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك پاكلانغان.


ئەگەر شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولغان بولسا، دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا-قايتا ئازاب چېكىپ قۇربان بولۇشىغا توغرا كېلەتتى. لېكىن، ئەيسا مەسىھ مانا بۇ ئاخىر زاماندا ئىنسانلارنى گۇناھتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن، بىر يولىلا ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنى قۇربان قىلدى.


ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ!


مەن سىلەرنى ھەر خىل ناپاك ئىشلىرىڭلاردىن ئازاد قىلىمەن. ئاشلىقىڭلارنى مول قىلىپ، ئاچارچىلىق پەيدا قىلمايمەن.


ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.


ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۇلار ئۆلگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ!» مانا بۇ، ئىگىمىز قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!


ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ تازىلاڭلار، رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى كۆز ئالدىمدىن يوقىتىڭلار. يامانلىق قىلىشنى توختىتىڭلار.


تازىلا مېنى لىپەكگۈلدە پاكلىناي، يۇيغىن مېنى قاردىن ئاققا ئايلىناي.


پاكلىغايسەن ئەتمىشىمدىن ئىگەم مېنى، يۇيۇپ پاكىز مېنىڭ بارلىق گۇناھىمنى.


ئى پەرۋەردىگار، پاك قەلبتە يۇيارمەن قوللىرىمنى، ئايلىنارمەن ئاندىن سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭنى.


ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر. ئۇ كىشىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر.»


كۈلنى يىغقان كىشىمۇ ئوخشاشلا كىيىملىرىنى يۇيسۇن، ئۇمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر. بۇلار ئىسرائىللار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۈچۈنمۇ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر.


كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سېلىپ، ئاندىن قارارگاھقا قايتسۇن.


ئوڭ قولىنىڭ بارمىقىنى زەيتۇن يېغىغا تەگكۈزۈپ، ھۇزۇرۇمدا يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن.


يەتتىنچى كۈنى روھانىي يەنە تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، تەمرەتكىنىڭ كېڭىيىپ كەتمىگەنلىكىنى ھەم تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەنلىكىنى بايقىسا، روھانىي ئۇ ئادەمنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن. لېكىن ئۇ ئادەم كىيىملىرىنى يۇيسۇن، ئاندىن ئۇ پاكلىنىدۇ.


يەتتىنچى كۈنى روھانىي كېسەل ئورنىنى يەنە تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر كېسەل ئورنىنىڭ رەڭگى سۇسلىشىپ، كېسەل ئورنى كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، روھانىي ئۇنى پاك دەپ، ئېلان قىلسۇن. ئۇنىڭ كېسىلى پەقەت تېرە تاشمىسى بولۇپ، كىيىمىنى يۇيۇۋەتسىلا پاكلىنىدۇ.


ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، مەيلى ئۇ ياغاچ، رەخت، خۇرۇم ياكى ئۆچكە تىۋىتىدا توقۇلغان نەرسە بولسۇن، ئۇلارنى مەيلى قانداق مەقسەتتە ئىشلەتسۇن، ھەممىسى ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنى سۇغا چىلاپ قويسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ.


ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يۆتكىگەنلىكى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئۇ ھايۋانلار ھارامدۇر.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن خەلقنىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇلار بۈگۈن ۋە ئەتە كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن.


ئۇ ئۇخلىغان تۆشەك، ئولتۇرغان ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر.


ئۇ ئولتۇرغان نەرسىلەرگە ئولتۇرغان ئادەملەرمۇ ناپاكتۇر. ئۇلارمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


لېكىن پادىشاھ ئۇ كۈنى ھېچنېمە دېمىدى. ئەمما كۆڭلىدە: «بەلكىم ئۇ ناپاك بىر ئىش قىلىپ قالغاندۇ، ئۇ چوقۇم پاك ئەمەس» دەپ، ئويلاپ ئولتۇردى.


تۆۋەندىكى جانلىقلار سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


ئەگەر ئەر-ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئەردىن مەنى كەلسە، ھەر ئىككىلىسى بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite