Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 15:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 15:27
15 Referans Kwoze  

شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.


مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى. چۈنكى، دىللىرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ سېپىلىشى بىلەن ۋىجدان ئازابىدىن خالاس بولغان ۋە بەدىنىمىز پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك پاكلانغان.


ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ!


ئۇ كۈن كەلگەندە، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ئۈچۈن بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ بۇلاق ئۇلارنىڭ بارچە گۇناھلىرى ۋە ناپاكلىقىنى يۇيىدۇ.»


مەن سىلەرنى ھەر خىل ناپاك ئىشلىرىڭلاردىن ئازاد قىلىمەن. ئاشلىقىڭلارنى مول قىلىپ، ئاچارچىلىق پەيدا قىلمايمەن.


ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.


ئۇنىڭ تۆشىكىگە تېگىپ كەتكەن ھەرقانداق ئادەم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


كېسەل كىشى ساقايغاندىن كېيىن يەتتە كۈنلۈك پاكلىنىش مۇددىتىنى ئۆتكۈزۈپ، كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئېقىن سۇدا بويىنى سۇغا سالسۇن، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ پاكلىنىدۇ.


ئاشۇ مەزگىلدە ئۇ ياتقان تۆشەك ۋە ئولتۇرغان نەرسىلىرى خۇددى ھەيز مەزگىلىدىكىدەك ناپاكتۇر.


ئۇ ئايال خۇن توختىغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈننى ساناپ ئۆتكۈزسۇن، ئاندىن ئۇ ئايال پاك ھېسابلىنىدۇ.


تۆۋەندىكى جانلىقلار سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر. ئۇ كىشىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite