Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 15:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ئەگەر ئەر-ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئەردىن مەنى كەلسە، ھەر ئىككىلىسى بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 15:18
15 Referans Kwoze  

قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا پەقەت مۇساپىر ۋە مېھمانسىلەر. شۇڭا سىلەردىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، ئۆزۈڭلارنى سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان يامان ھەۋەسلەردىن تۇتۇۋېلىڭلار.


ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ.


شۇڭا، ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى تارت. پاك قەلب بىلەن رەببىمىزنى چاقىرغان باشقا كىشىلەر بىلەن بىللە ھەققانىيلىق، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناقلىقنى ئىزدە.


شۇنىڭ ئۈچۈن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق بولۇڭلار. ئىنسانلار سادىر قىلغان باشقا گۇناھلارنىڭ ھەممىسى تەننىڭ سىرتىدا بولىدۇ. لېكىن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلغان بولىدۇ.


بەزىلەر: «خۇدا تەرىپىدىن مەنئى قىلىنمىغان بولسا، نېمە قىلىمەن دېسەم ئۆز ئىختىيارىم» دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، ھەممە ئىش پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ. «نېمە قىلىمەن دېسەم، ئۆز ئىختىيارىم» دېيىلسىمۇ، لېكىن ھېچ نەرسىگە قۇل بولماسلىقىمىز كېرەك.


گۇناھكارمەن شۈبھىسىزكى تۇغۇلغىنىمدىلا، ھەتتا ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا.


ئۇنىڭ تۆشىكىنى تۇتقان ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇمۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


مۇسا ئۇلارغا: _ ئۆگۈنلۈككىچە ھەممىڭلار تەييار بولۇپ تۇرۇڭلار، ئايالىڭلارغا يېقىنلاشماڭلار، _ دېدى.


_ بىر ئەر ئېھتىلام بولۇپ قالسا، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


مەنى تېگىپ قالغان كىيىم ۋە خۇرۇملارمۇ چوقۇم سۇ بىلەن يۇيۇلسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ ئايالنى ئەكەلدۈردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. (بۇ چاغدا ئۇ ئايال ھەيز كۆرۈپ، ئەمدىلا پاكلانغانىدى.) ئاندىن ئۇ ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite