لاۋىيلار 15:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى15 روھانىي بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ روھانىي مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئاجرالما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن. Gade chapit la |
قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش، ساغلىقنىڭمۇ مايلىرىنى چىقارسۇن. روھانىي ھەممە ماينى قۇربانلىق سۇپىسىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بىلەن بىرگە كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى ئۇ سادىر قىلغان گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، مەيلى ئۇ ياغاچ، رەخت، خۇرۇم ياكى ئۆچكە تىۋىتىدا توقۇلغان نەرسە بولسۇن، ئۇلارنى مەيلى قانداق مەقسەتتە ئىشلەتسۇن، ھەممىسى ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنى سۇغا چىلاپ قويسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ.