Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 15:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا روھانىيغا تاپشۇرسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 15:14
11 Referans Kwoze  

ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاقلان ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر ئالسۇن. بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنە بىرنى پاكلىنىش قۇربانلىقى قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلىدۇ، ئايال بولسا پاكلىنىدۇ.


ئۇ مۇشۇ بىر قۇربانلىق بىلەن ئۆزىنى خۇداغا ئاتىغان كىشىلەرنى خۇدانىڭ ئالدىدا مەڭگۈ مۇكەممەل قىلدى.


بىراق، بىزنىڭ روھانىيىمىز بولسا ئۆزىنى قۇربان قىلىش بىلەن گۇناھلارنى يۇيىدىغان بىرلا قېتىملىق، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك قۇربانلىقنى خۇداغا سۇندى. ئاندىن ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ،


خۇدانىڭ بۇ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆز تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، خۇداغا ئاتالدۇق.


ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى.


خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.


سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئەكېلىپ، روھانىيغا بەرسۇن.


تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاكلىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن بىرنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن، پاختەك ياكى ياش كەپتەردىن بىرىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا روھانىيغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن.


ئەگەر بىرسى ماڭا ئاتاپ قۇشنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، پاختەك ياكى ياش كەپتەرنى ئېلىپ كەلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite