6 ئاندىن روھانىي ئىككىنچى قۇشنى قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە لېپەكگۈل بىلەن بىرلىكتە قۇشنىڭ قېنى ئارىلاشقان سۇغا چىلىسۇن.
ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ھايات ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا.
سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى،
ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.
بىز بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن ئىدۇق. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. بىز خۇدا بىلەن يارىشىۋالغانىكەنمىز، ئۇنداقتا ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەن ھاياتى ئارقىلىق خۇدانىڭ جازاسىدىن چوقۇم قۇتۇلدۇرۇلىمىز.
ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلۇپ، بىزنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى.
ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى كۆرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۆرىسىلەر. مەن ھايات بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرمۇ ھايات بولىسىلەر.
ئۇ كۈن كەلگەندە، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ئۈچۈن بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ بۇلاق ئۇلارنىڭ بارچە گۇناھلىرى ۋە ناپاكلىقىنى يۇيىدۇ.»
ئۇنى پاكلاش ئۈچۈن، ئىككى دانە ھالال قۇش، ئازراق قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە بىر تۇتام لېپەكگۈل ئەكېلىشكە بۇيرۇسۇن.
روھانىي قۇشلاردىن بىرىنى ئېقىن سۇ تولدۇرۇلغان ساپال قاچىغا بوغۇزلاشنى بۇيرۇسۇن.
تازىلا مېنى لىپەكگۈلدە پاكلىناي، يۇيغىن مېنى قاردىن ئاققا ئايلىناي.
ئاندىن قۇشلاردىن بىرىنى ئېقىن سۇ تولدۇرۇلغان ساپال قاچىغا بوغۇزلىسۇن.