Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 14:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئۇنى پاكلاش ئۈچۈن، ئىككى دانە ھالال قۇش، ئازراق قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە بىر تۇتام لېپەكگۈل ئەكېلىشكە بۇيرۇسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 14:4
11 Referans Kwoze  

روھانىي ئازراق قارىغاي شېخى، بىر تۇتام لېپەكگۈل ۋە توق قىزىل يىپنى ئېلىپ، كۆيۈۋاتقان ياش ئىنەكنىڭ ئۈستىگە تاشلىسۇن.


مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەربىر ئەمرىنى پۈتۈن خەلققە ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، موزاي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ سۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان قېنىنى قىزىل يۇڭ يىپتا باغلانغان مارجانگۈل بىلەن قانۇن دەستۇرىغا ۋە پۈتۈن خەلققە سەپتى.


ئاندىن روھانىي ئىككىنچى قۇشنى قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە لېپەكگۈل بىلەن بىرلىكتە قۇشنىڭ قېنى ئارىلاشقان سۇغا چىلىسۇن.


تازىلا مېنى لىپەكگۈلدە پاكلىناي، يۇيغىن مېنى قاردىن ئاققا ئايلىناي.


قوللىرىغا بىر تۇتام لېپەكگۈل ئېلىپ، قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ داستىكى قېنىغا چىلاپ، ئۇنى ئىشىكلىرىنىڭ بېشى ۋە كېشىكىگە سۈركىسۇن. ئەتىسى ئەتىگەنگىچە، ھېچكىم ئىشىكتىن چىقمىسۇن.


ئاندىن پاك بىر كىشى لېپەكگۈلنى ئۇ سۇغا چىلاپ، چېدىرغا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرگە ھەمدە ئۇ يەردىكى ئادەملەرگە سەپسۇن. يەنە قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر جەسەتكە ياكى ئۆلۈكنىڭ سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىگىمۇ ئاشۇ سۇدىن سېپىلسۇن.


ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاقلان ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر ئالسۇن. بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنە بىرنى پاكلىنىش قۇربانلىقى قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلىدۇ، ئايال بولسا پاكلىنىدۇ.


ئەگەر ئۇنىڭ قوي ياكى ئۆچكىنى قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلسۇن. بىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن.


ئەگەر بىرسى ماڭا ئاتاپ قۇشنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، پاختەك ياكى ياش كەپتەرنى ئېلىپ كەلسۇن.


روھانىي قۇشلاردىن بىرىنى ئېقىن سۇ تولدۇرۇلغان ساپال قاچىغا بوغۇزلاشنى بۇيرۇسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite