Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 14:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئۇنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. روھانىي كېسەلنىڭ ساقايغانلىقىنى بايقىسا،

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 14:3
14 Referans Kwoze  

كېسىلى ساقايمىغۇچە ئۇ ناپاك بولۇپ، قارارگاھ سىرتىدا جامائەتتىن ئايرىلىپ تۇرسۇن.


شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرىغا: - سىلەر قايتىپ بېرىپ، ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى ۋە ئېيتقان تەلىملىرىمنى يەھياغا يەتكۈزۈپ: «كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار.


يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش، ئېلىشا پەيغەمبەر زامانىدا، ئىسرائىلىيىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار خۇدانى رەت قىلغاچقا، ئېلىشا پەيغەمبەر ھېلىقى سۇرىيىلىك نامان ئىسىملىك يەھۇدىي بولمىغان كىشىنىلا ساقايتىشقا ئەۋەتىلگەن! - دېدى.


«كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار.


كېسەللەرنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسەللىرىنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدىۋېتىڭلار. بۇ ئىمتىيازلارنى ھەقسىز ئالغانىكەنسىلەر، ھەقسىز ئىشلىتىڭلار.


خۇدا ئادەمنى يارىلاندۇرسا، يارىسىنى تاڭىدۇ، ئادەمنى زەخىملەندۈرسە، زەخىمىسىنى داۋالايدۇ.


شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ، يەتتە قېتىم سۇغا چۆمۈلدى. شۇنىڭ ئۇ پاكلىنىپ، تېرىسى خۇددى كىچىك بالىنىڭكىدەك ئەسلىگە كەلدى.


بىر كۈنى ئۇ قىز ئايال خوجايىنىغا: _ بېگىم سامارىيەدىكى پەيغەمبەر بىلەن بىر كۆرۈشكەن بولسا ئىدى. شۇ پەيغەمبەر بېگىمنىڭ تېرە كېسىلىنى ساقايتقان بولاتتى، _ دېدى.


پەرۋەردىگار: _ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار بولغان مەن خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا تولۇق ئەمەل قىلساڭلار، مەن مىسىرلىقلارغا كەلتۈرگەن كېسەللەرنى سىلەرگە كەلتۈرمەيمەن. مەن سىلەرگە شىپا بولىدىغان پەرۋەردىگاردۇرمەن، _ دېدى.


_ ئەگەر بىرسىنىڭ تېرىسىدە ئىششىق، تاشما، ئاق داغ پەيدا بولۇپ، تېرە كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۇ روھانىي ھارۇن ياكى ئۇنىڭ روھانىي ئوغۇللىرىنىڭ بىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلسۇن.


لېكىن روھانىي بېرىپ يېڭىدىن سۇۋالغان ئۆينى تەكشۈرۈپ، ئۆينىڭ تاملىرىدا كۆك بايقىمىسا، ئۆينى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى تامدىكى كۆك يوقالغاندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite