Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 14:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئەگەر ئۇ نامرات بولۇپ، بۇ قۇربانلىقلارنى قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ناپاكلىقىدىن پاكلىنىشى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلىدىغان ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تۇياق ئەركەك پاقلاننى سۇنسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 14:21
17 Referans Kwoze  

ئەگەر ئۇنىڭ قوي ياكى ئۆچكىنى قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلسۇن. بىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن.


ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاقلان ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر ئالسۇن. بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنە بىرنى پاكلىنىش قۇربانلىقى قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلىدۇ، ئايال بولسا پاكلىنىدۇ.


كەمبەغەلنى مازاق قىلغان ھاقارەت كەلتۈرەر ياراتقۇچىسىغا، باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىگە شادلانغان چوقۇم دۇچ كېلەر جازاغا.


بىر كىشى رازىمەنلىك بىلەن چامىسىنىڭ يېتىشىچە بەرسە، بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. خۇدا ھەرگىزمۇ بىركىمدىن ئۆزىدە يوقىنىمۇ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نەقەدەر مېھىر-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەر ئۈچۈن نامرات بولدى. مەقسەت، ئۆزى نامرات بولۇش ئارقىلىق سىلەرنى روھىي جەھەتتىن باي قىلىش ئىدى.


ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى: - ئەي يوقسۇللار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرنىڭكىدۇر.


گاداي بىلەن باينىڭ ئورتاقلىقى شۇكى: پەرۋەردىگار ياراتقۇچىدۇر ھەر ئىككىلىسىنى.


ئۇ ھۆكۈمرانلارغا يان باسمايدۇ، باينى كەمبەغەلدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ھەممىنى ئۆز قولى بىلەن ئاپىرىدە قىلغاندۇر.


ئۇ قۇتقۇزار يوقسۇللارنى يوقسۇللۇق توزانىدىن، ئېلىپ چىقار ئۇ موھتاجلارنى موھتاجلىق ئەۋرىزىدىن. ئولتۇرغۇزار ئۇلارنى شاھزادىلەر قېشىغا، ھەتتا مۇيەسسەر قىلار ئۇلارنى شان-شۆھرەت ئورنىغا. چۈنكى پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر زېمىننىڭ ئۇللىرى، ئۇ قويغاندۇر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دۇنيانى.


ئۇنىڭدىن سىرت، ئۆزىنىڭ قۇربى يەتكىنىچە ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تەييارلاپ، بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن.


ئەگەر ئۇ قۇربانلىق قىلىشقا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تاپالمىسا، بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇننى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ياكى مەستىكى رۇمى قوشۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدۇر.


ئەگەر بىرسى ماڭا ئاتاپ قۇشنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، پاختەك ياكى ياش كەپتەرنى ئېلىپ كەلسۇن.


سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى تۇياق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بېجىرىم بىر ياشلىق ساغلىق ئېلىپ كەلسۇن. ئۇنىڭدىن سىرت ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۈچ كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغى ئېلىپ كەلسۇن.


ئەگەر قەسەم قىلغۇچى نامراتلىقىدىن قەسىمىنى ئورۇنداشقا كۈچى يەتمىسە، بەلگىلەنگەن ئادەمنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي قەسەم قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن باشقا باھا بېكىتسۇن.


بۇقا ۋە قوچقار بىلەن بىرگە 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. پاقلان بىلەن بىرگە خالىغان مىقداردا سۇنسا بولىدۇ. ھەر 5 كىلو سۈپەتلىك ئۇن بىلەن بىرگە چوقۇم بىر لىتىر زەيتۇن يېغى سۇنسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite