Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 14:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 روھانىي ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى يەنە پاكلانغۇچىنىڭ بېشىغا سۈرتسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 14:18
13 Referans Kwoze  

خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش، تېكىنىڭ بارلىق مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.


ئۇ سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئاتىيالمىغان نەرسىلىرىنى ئاتىغاندىن سىرت، ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنىڭ قىممىتىگە توغرا كېلىدىغان نەرسىنى قوشۇپ روھانىيغا بەرسۇن. روھانىي قوچقارنى ئەيىب قۇربانلىقى قىلىپ، ئۇ كىشىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش ئۆچكىنىڭ مايلىرىنىمۇ چىقىرىۋالسۇن. روھانىي ھەممە ماينى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىگىن.


شۇڭا، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ خۇدانىڭ خىزمىتىدە رەھىمدىل ۋە سادىق باش روھانىي بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خۇدانىڭ كەچۈرۈشىگە ئېرىشتۈرىدىغان قۇربانلىقنى بېرەلەيتتى.


ئاندىن ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى ئەيىب قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى سۈرتكەن يەرلەرگە، يەنى پاكلانغۇچىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرتسۇن.


روھانىيلار بىخەستەلىكتىن گۇناھ قىلغان كىشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈلىدۇ.


روھانىي گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىنىدىغان بۇقىنى قانداق قىلغان بولسا، بۇ بۇقىنىمۇ شۇنداق قىلسۇن. شۇندىلا خەلقنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش، ساغلىقنىڭمۇ مايلىرىنى چىقارسۇن. روھانىي ھەممە ماينى قۇربانلىق سۇپىسىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بىلەن بىرگە كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى ئۇ سادىر قىلغان گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


روھانىي بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ روھانىي مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئاجرالما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite