Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 14:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 پاقلاننى روھانىي گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا، يەنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا بوغۇزلىسۇن. ئەيىب قۇربانلىقى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىغا ئوخشاش روھانىيغا مەنسۇپ بولۇپ، ئەڭ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 14:13
13 Referans Kwoze  

ئۇ قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويسۇن ۋە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. بۇ ئۇنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھېسابلىنىدۇ.


قۇربانلىقنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا، يەنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىقنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن.


ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بۇقىنى بوغۇزلىغىن،


بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، قولىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن.


قالغان قىسمى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ئەڭ مۇقەددەس تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.


لېكىن ئۇ مەن خۇداغا سۇنۇلغان يېمەكلىكلەردىن، مەيلى مۇقەددەس بولسۇن ياكى ئەڭ مۇقەددەس بولسۇن، ھەممىسىدىن يېسە بولىدۇ.


_ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى نېمىشقا مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېمىدىڭلار؟ بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىق ئىدىغۇ! بۇ قۇربانلىقنى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەرنىڭ خەلقنى ئەيىبتىن خالاس قىلىشىڭلار، گۇناھتىن ساقىت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تەقدىم قىلغانىدىغۇ!؟


ئاندىن قۇربانلىق سۇنغۇچى بۇقىنى ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئېلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن.


ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىبادەتخانىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدىكى ئىمارەتلەردىكى خانىلار مۇقەددەس بولۇپ، ئۇ يەرلەردە ئىبادەتخانىدا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلار ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارنى، يەنى ئاشلىق ھەدىيەلىرى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى، ئەيىب قۇربانلىقلىرى قاتارلىق ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارنى يەيدۇ ۋە ساقلايدۇ. چۈنكى بۇ خانىلار مۇقەددەستۇر.


قالغان قىسمى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ئەڭ مۇقەددەس تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.


ئەيىب قۇربانلىقى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان يەردە بوغۇزلانسۇن. قېنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چېچىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite