9 ئەگەر بىرسى تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولسا، چوقۇم روھانىينىڭ ئالدىغا ئاپىرىلسۇن.
_ ئەگەر بىرسىنىڭ تېرىسىدە ئىششىق، تاشما، ئاق داغ پەيدا بولۇپ، تېرە كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۇ روھانىي ھارۇن ياكى ئۇنىڭ روھانىي ئوغۇللىرىنىڭ بىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلسۇن.
روھانىي تەكشۈرۈش جەريانىدا تېرە تاشمىسىنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى بۇ تېرە كېسىلىدۇر.
روھانىي ئۇنىڭ تېرىسىدە ئاق ئىششىق، تۈكلىرى ئاقىرىپ كېتىش ۋە جاراھىتى ئېچىلىپ قېلىش ئالامەتلىرىنى بايقىسا،