Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 13:59 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

59 يۇڭ كىيىم، زىغىر رەخت كىيىم، توقۇلما بۇيۇم ياكى خۇرۇم بۇيۇملاردا پاختىلىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بۇ نەرسىلەرنىڭ پاك ياكى ناپاك ئىكەنلىكىنى بېكىتىڭلار.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 13:59
12 Referans Kwoze  

_ ئەگەر كىيىم-كېچەكتە پاختىلىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مەيلى ئۇ يۇڭ ياكى زىغىر رەختتە تىكىلگەن كىيىم بولسۇن،


يۇڭ ياكى زىغىر تالاسىدا توقۇلغان رەخت بولسۇن، مەيلى ئۇ خۇرۇم ۋە خۇرۇمدا تىكىلگەن بۇيۇم بولسۇن،


يۇيۇلغاندىن كېيىن كىيىم-كېچەك، توقۇلما بۇيۇم ياكى خۇرۇملاردىكى داغلار يوقالغان بولسا، يەنە بىر قېتىم يۇيۇلسۇن. شۇندىلا ئۇ پاكلىنىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


_ تېرە كېسىلىدىن ساقايغۇچىنىڭ پاكلىنىش مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر: تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى ساقايغاندىن كېيىن، روھانىي ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ،


بۇلار تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، لېكىن پاكلىنىش رەسمىيىتىگە كېرەكلىك قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمىگەن كىشىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بەلگىلىمىلەردۇر.


يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىلەر پاك ياكى ناپاكلىققا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر.


ئىسرائىللارنىڭ ناپاك ۋاقتىدا، ئۇلارنى ئىبادەت چېدىرىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىبادەت چېدىرىمنى بۇلغاپ قويۇپ، ناپاك ھالەتتە جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنالايسىلەر.


يۇقىرىقىلار ئاجرالما كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئېھتىلام بولۇپ، ھەيز كۆرۈپ، ھەيزدىن كېيىن يەنە قان كېلىپ ۋە ھەيز كۆرگەن ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ناپاك بولغانلارغا ئائىت بەلگىلىمىلەردۇر.


مانا بۇ، بىر ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئەمرىدە تۇرۇقلۇق يولدىن چىقىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغان ياكى ئېرىنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ، ئايالىنى كۈنلىگەن چاغدىكى گۇمانلىق ئىشلارنى ھەل قىلىشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇندۇر. شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، ئەر ئايالىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي بۇ قانۇننى تولۇق ئىجرا قىلسۇن.


يۇقىرىقىلار پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئەمر قىلغان ئەر بىلەن ئايال، ئاتا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك نىزاملاردۇر.


يۇقىرىقىلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر ۋە قانۇنلىرىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite