47 _ ئەگەر كىيىم-كېچەكتە پاختىلىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مەيلى ئۇ يۇڭ ياكى زىغىر رەختتە تىكىلگەن كىيىم بولسۇن،
بەزى كىشىلەرنى خۇددى ئوتتىن قۇتۇلدۇرغاندەك، خۇدانىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار. يەنە بەزىلەرگە رەھىم قىلىڭلار. بىراق، سىلەر خۇددى بىر ئادەمنىڭ بۇلغانغان كىيىمىدىن يىرگەنگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىدىن ھەم يىرگىنىڭلار.
چۈنكى، سىلەر بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. ھاياتىڭلار ئەيسا مەسىھ بىلەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا پىنھاندۇر.
ئۇنداقتا، خۇددى كونا كىيىمىڭلارنى تاشلىۋەتكەندەك، بۇرۇنقى رەزىل تۇرمۇش ئادەتلىرىڭلارنى كونا تەبىئىتىڭلار بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىڭلار. چۈنكى، ئۇ تەبىئەت سىلەرنى ئازدۇرىدىغان چاكىنا ھەۋەسلەر بىلەن چىرىپ كەتكەن.
قاراڭغۇ كېچە ئۆتۈپ كەتتى، كۈندۈز، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېقىنلاپ قالدى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ ساۋۇتىنى كىيىڭلار.
سەن كىيىمىڭ بىلەن بۇتخانىنى چىرايلىق بېزەپ، ئۇ يەردە بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ. بۇنداق ئىش يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى!
ھەممىمىز ناپاك ئادەملەرمىز، بىز قىلغان ھەققانىي ئەمەللەرمۇ خۇددى بۇلغانغان كىيىمگە ئوخشايدۇ. بىز خۇددى يوپۇرماقتەك خازان بولىمىز، گۇناھلىرىمىز شامال بولۇپ بىزنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.
توقۇغان تورلىرى كىيىم بولۇشقا يارىمايدۇ، توقۇلغان نەرسىلەر ھېچكىمنىڭ ئۈستىنى ياپالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى رەزىللىكتۇر، قىلغان ئىشلىرى زوراۋانلىقتۇر.
كېسىلى ساقايمىغۇچە ئۇ ناپاك بولۇپ، قارارگاھ سىرتىدا جامائەتتىن ئايرىلىپ تۇرسۇن.
يۇڭ ياكى زىغىر تالاسىدا توقۇلغان رەخت بولسۇن، مەيلى ئۇ خۇرۇم ۋە خۇرۇمدا تىكىلگەن بۇيۇم بولسۇن،
مەيلى قايسى خىل كىيىم بولسۇن، ياكى قوي يۇڭىدا، زىغىر تالاسىدا تىكىلگەن نەرسە ياكى خۇرۇمدا قىلىنغان نەرسە بولسۇن، روھانىي ئۇنى چوقۇم كۆيدۈرۈۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن پاختىلىشىپ قالغاندۇر. پاختىلىشىپ قالغان كىيىم-كېچەك، نەرسىلەر چوقۇم كۆيدۈرۈپ تاشلانسۇن.
يۇڭ كىيىم، زىغىر رەخت كىيىم، توقۇلما بۇيۇم ياكى خۇرۇم بۇيۇملاردا پاختىلىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بۇ نەرسىلەرنىڭ پاك ياكى ناپاك ئىكەنلىكىنى بېكىتىڭلار.
كىيىم-كېچەكلەرنىڭ پاختىلىشىشى ۋە ئۆيلەرنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى،