4 ئەگەر كېسەل ئورنىدا ئاق داغلار پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەن، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتمىگەن بولسا، روھانىي ئۇنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن.
شۇنىڭ بىلەن مەريەم قارارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇردى. تاكى ئۇ قايتۇرۇپ كېلىنگۈچە، خالايىق ھېچ يەرگە كۆچمىدى.
بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ چوقۇم سوراققا تارتىلىشى ئېنىق. لېكىن، بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى بولسا كېيىن ئاشكارا بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.
ئىسرائىللار مەندىن يۈز ئۆرۈپ بۇتقا تېۋىنغان ۋاقىتلاردا، لاۋىيلار مەندىن يىراقلاشتى. شۇڭا ئۇلار ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.
ھەقىقىي ئەھۋالنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق يىرگىنچلىك ئىش يۈز بەرگەن بولسا،
روھانىي بەدەندىكى كېسەل ئورنىنى تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر كېسەل تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بولسا، بۇ تېرە كېسىلىدۇر. روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن.
يەتتىنچى كۈنى روھانىي كېسەل ئورنىنى يەنە تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر كېسەل ئورنىدا يامانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، كېسەل ئورنى كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، روھانىي ئۇنى جامائەتتىن يەنە يەتتە كۈن ئايرىۋەتسۇن.
بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك تېرە كېسىلىدۇر، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. ئۇنى جامائەتتىن ئايرىۋېتىپ، قايتا تەكشۈرۈش زۆرۈر ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئېنىقلا تېرە كېسىلىدۇر.
لېكىن روھانىي تەكشۈرگەندە، يارا تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەن ئەمما قارا تۈكلەر قالمىغان بولسا، ئۇ كىشىنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن.
كۆيگەن يېرىنى روھانىيغا تەكشۈرتسۇن. ئەگەر كۆيگەن يېرىدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ، يارا تېرە ئاستىغا ئۆتكەن بولسا، كۆيۈك يارىسىنىڭ تېرە كېسىلىگە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندۇر.
ئەگەر كۆيگەن يەردىكى تۈكلەر ئاقارماي، يارا تېرە ئاستىغا ئۆتمەي، پەقەت رەڭگى سۇسلاپ قالغان بولسا، روھانىي ئۇنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن.
روھانىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇنداق كىيىملەرنى يەتتە كۈن ئايرىم قويۇشقا بۇيرۇسۇن.
روھانىي ئۆينى يەتتە كۈن پېچەتلىسۇن.
پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋابەن: _ مۇبادا ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرسە، ئۇ يەتتە كۈنگىچە شەرمەندە بولماسمىدى؟! ئۇنى قارارگاھتىن يەتتە كۈن چىقىرىۋېتىڭلار. ئاندىن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلسەڭلار بولىدۇ، _ دېدى.