36 روھانىي ئۇنى يەنە تەكشۈرسۇن. ئەگەر تەمرەتكە ھەقىقەتەن كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، روھانىي يەنە كېسەل بولغان ئورۇندىن سېرىق تۈك ئىزدەپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ ئادەم ناپاكتۇر.
روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر يارا تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتكەن، يارا ئۈستىدىكى تۈكلەرمۇ سارغىيىپ، ئىنچىكىلەپ كەتكەن بولسا، ئۇ ئادەمنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى بېشى ياكى ئىڭىكىدە پەيدا بولغىنى تەمرەتكە بولۇپ، تېرە كېسىلى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ ئادەم پاكلانغاندىن كېيىن، تەمرەتكە يەنە پەيدا بولۇپ كېڭىيىپ كەتسە،
ئەگەر روھانىي تەمرەتكىنىڭ ئەسلى ھالىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، تەمرەتكە بولغان ئورۇنغا قارا تۈكلەرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرسە، ئۇ ئادەمنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى بۇ، تەمرەتكىنىڭ ساقىيىپ، ئۇ ئادەمنىڭ پاكلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
يەتتىنچى كۈنى روھانىي ئۆينى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرسۇن، ئەگەر ئۆينىڭ تاملىرىدىكى كۆك يېيىلىپ كەتكەن بولسا،