Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 13:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 روھانىي بەدەندىكى كېسەل ئورنىنى تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر كېسەل تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بولسا، بۇ تېرە كېسىلىدۇر. روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 13:3
29 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. ئۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن.


خۇدانىڭ سۆزىنى سىلەرگە يەتكۈزگەن يېتەكچىلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ نەقەدەر ياخشى مېۋىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار.


رەزىل ۋە ساختىپەز كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ، باشقىلارنى ئالداش بىلەن بىللە ئۆزلىرىمۇ ئالدىنىپ كېتىدۇ.


ئىمېنېي ۋە ئىسكەندەرلەر مانا شۇنداق كىشىلەردىندۇر. ئۇلارنى كۇپۇرلۇق قىلماسلىقنى ئۆگەنسۇن دەپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە قايتۇردۇم.


ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھنىڭ مەنبەسى بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھ تەۋرات قانۇنىدا كۆرسىتىلمىگەن بولسا، مەن قىلمىشلىرىمنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مەسىلەن، تەۋرات قانۇنىدا: «باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېيىلمىگەن بولسا، ئۇنداق قىلىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم.


ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان!


كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ! كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئۇنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ! - دېدى.


ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا بېرىمەن. سېنىڭ يەر يۈزىدە يول قويغانلىرىڭ ئەرشتىمۇ يول قويۇلۇپ بولغان بولىدۇ. سېنىڭ يەر يۈزىدە يول قويمىغانلىرىڭ ئەرشتىمۇ يول قويۇلمىغان بولىدۇ، - دېدى.


روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىسى پەرۋەردىگارغا ئالاقىدار ھەقىقىي بىلىمنى ئۆگىتىشتۇر. خەلق ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلاردىن ساۋاق ئالىدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىلىرىدۇر.


«مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، سەن روھانىيلاردىن تەۋرات قانۇنلىرى توغرىسىدا مۇنداق سوئال سورىغىن:


يات خەلقلەر ئۇلارنىڭ كۈچىنى قۇرۇتتى، لېكىن ئۇلار بۇنىڭدىن خەۋەرسىز. چاچلىرى ئاقارسىمۇ، يەنىلا بۇنى ھېس قىلمايدۇ.


ئۇلار مېنىڭ خەلقىمگە نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەسلىكىنى ئۆگەتسۇن، نېمىنىڭ پاك ياكى نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسۇن.


مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: ‹سېنىڭ شاللاقلىقىڭ چېكىگە يەتتى، سەن نومۇسنى بىلمەيدىغان بىشەم پاھىشىگە ئوخشايسەن.


_ ئەگەر بىرسىنىڭ تېرىسىدە ئىششىق، تاشما، ئاق داغ پەيدا بولۇپ، تېرە كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۇ روھانىي ھارۇن ياكى ئۇنىڭ روھانىي ئوغۇللىرىنىڭ بىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلسۇن.


سىلەر نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەس، نېمىنىڭ پاك، نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىشنى بىلىڭلار.


كېيىن ئۇ نەگېب چۆللۈكىدىن ئايرىلىپ، ئاستا-ئاستا شىمالغا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىگە قايتا باردى. ئۇ بەيتەل بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىغا، يەنى تۇنجى قېتىم ئورۇنلىشىپ،


ئەگەر كېسەل ئورنىدا ئاق داغلار پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەن، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتمىگەن بولسا، روھانىي ئۇنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن.


ئەگەر بىرسى باشقىلارنىڭ تېنىدىن چىققان ناپاك نەرسىگە بىخەستەلىكتىن تېگىپ كەتسە ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ناپاك بولغانلىقىنى بىلسە، ئوخشاشلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.


روھانىي تەكشۈرۈش جەريانىدا تېرە تاشمىسىنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى بۇ تېرە كېسىلىدۇر.


روھانىي ئۇنىڭ تېرىسىدە ئاق ئىششىق، تۈكلىرى ئاقىرىپ كېتىش ۋە جاراھىتى ئېچىلىپ قېلىش ئالامەتلىرىنى بايقىسا،


روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، كېسەل تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى، بۇ چىقاننىڭ تېرە كېسىلىگە ئايلانغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.


تامدا سۇس يېشىل ياكى قىزغۇچ رەڭدىكى ئالامەتلەر بايقالسا ھەم تامنىڭ ئىچىگە قاراپ يېيىلغان بولسا،


يۇقىرىدىكىلەر تېرە كېسىلى، تەمرەتكە،


ئىششىق، تاشما ياكى ئاق داغ ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەردۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite