26 ئەگەر كۆيگەن يەردىكى تۈكلەر ئاقارماي، يارا تېرە ئاستىغا ئۆتمەي، پەقەت رەڭگى سۇسلاپ قالغان بولسا، روھانىي ئۇنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن.
ئەگەر كېسەل ئورۇندىكى داغ ئەسلىدىكىدىن ئۆزگەرمىسە، كېڭىيىپمۇ كەتمىسە، بۇ چىقاندىن قالغان بىر ئىزدۇر. روھانىي ئۇنى پاك، دەپ ئېلان قىلسۇن.
كۆيگەن يېرىنى روھانىيغا تەكشۈرتسۇن. ئەگەر كۆيگەن يېرىدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ، يارا تېرە ئاستىغا ئۆتكەن بولسا، كۆيۈك يارىسىنىڭ تېرە كېسىلىگە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندۇر.
يەتتىنچى كۈنى روھانىي يەنە تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، كۆيۈك يارىسىنىڭ يېيىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندۇر.