22 ئايرىۋېتىلگەن مەزگىلىدە، كېسەللىك يېيىلىپ كەتسە، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندۇر.
_ ئەگەر بىرسىنىڭ تېرىسىدە ئىششىق، تاشما، ئاق داغ پەيدا بولۇپ، تېرە كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۇ روھانىي ھارۇن ياكى ئۇنىڭ روھانىي ئوغۇللىرىنىڭ بىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلسۇن.
لېكىن روھانىي تەكشۈرگەن ۋاقتىدا چىقان چىققان ئورۇندا ئاق تۈك، تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كېتىش ئالامىتى بولماي، تېرىسىنىڭ رەڭگى سۇسلاپ كەتكەن بولسا، ئۇنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن.
ئەگەر كېسەل ئورۇندىكى داغ ئەسلىدىكىدىن ئۆزگەرمىسە، كېڭىيىپمۇ كەتمىسە، بۇ چىقاندىن قالغان بىر ئىزدۇر. روھانىي ئۇنى پاك، دەپ ئېلان قىلسۇن.
يەتتىنچى كۈنى روھانىي ئۆينى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرسۇن، ئەگەر ئۆينىڭ تاملىرىدىكى كۆك يېيىلىپ كەتكەن بولسا،